تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىنەپكىتى ئۇرۇقىنى چېقىپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق بېسىش ئۇسۇلى
(پىرېسلاش) بىلەن مېيى ئېلىنىدۇ. ماي نىسبىتى %33 ئەتراپىدا بولغاندا، يەنە
بېسىپ بولغان كۈنجۈرسىنى 35 گىرادۇستا قىزىتىپ، پىرېسلاپ %10 لىك مېيى
ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: ئابدىمىلىك مېيى كىسلاتاسى، گىلىتسېرىد بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنەپكىتى كىسلاتاسى تەخمىنەن %88 نى ئىگىلەيدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئىچىنى سۈرۈش، ئارام بېرىش، ئۈچەي توسالغۇلىرىنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: سۇلۇق ئىششىق، بالىياتقۇ ۋە دوۋساق ياللۇغى، قۇلۇنجى، بوۋاسىر، تەمرەتكە، قارا داغ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىنەپكىتى مېيىنى مىس قاچىغا سېلىپ ئېغىزىنى ھىم يېپىپ ئوتتا قويۇپ ماي
قىزىغاندا 40 گىرام مايغا 0. 2 گىرام كافۇر سېلىپ، قاچىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم
ئېتىپ كافۇر ئېرىگەندە قاچىنى ئېلىپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئېچىپ ئېلىپ
تەييارلاپ چوڭ تەرەتتىن كېيىن مەقئەتنى مايلاپ بەرسە بوۋاسىرغا مەنپەئەت
قىلىدۇ. ئىنەپكىتى مېيىنى يىلان قاسرىقى، قىچا مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ
يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تەمرەتكە، قارا داغ، كوزاز (قاتما) غا پايدا قىلىدۇ.
ئىنەكپىتى مېيىغا ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، مىس قاچىدا ئېرىتىپ، ھۆقنە
(كىلىزما) قىلسا يۈرەك سانجىقىغا شىپا بولىدۇ. بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە
ھەمەل قىلسا پايدا قىلىدۇ. قۇلۇنجىغا ئىنەپكىتى مېيى بىلەن سوپۇنلۇق سۇ
ئارىلاشتۇرۇپ كىلىزما قىلسا شىپا تاپىدۇ. ئىنەپكىتى مېيى قەۋزىيەتلىك
ئەھۋاللاردا تەرەت كەلتۈرىدىغان مەشھۇر دورا بولۇپ، ئاياللار، بالىلار،
ياشلار، ياشانغانلارغىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. ئېمىدىغان بالىلارغا 6 مىللىلىتىر
ئىنەپكىتى مېيىنى ئازراق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يالىتىپ قويسا،
قەۋزىيەتنى ئاسان بوشىتىدۇ. ھامىلىدارلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىنەپكىتى
مېيى بىلەن مايلىسا، سوغۇقتىن بولغان خەدەر (پۇت-قوللارنىڭ قولۇشىشى) گە
پالەچكە شىپا بولىدۇ. ئىچىش ئۈچۈن چوڭلارغا 24-12 مىللىلىتىر، كىچىك
بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىلىدۇ.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!