• مەزى بېزى كاپسولى
  • تەمرەتكە
  • بۆرەك قۇۋۋەتلەش
  • ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • بىلىۋېلىڭ
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • رېتسىپلار
  • جىنسىي ساۋاتلار
  • ئىككىلىك كود
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · قىش پەسلىدە ئۆپكىنى قانداق قۇۋۋەتلەيمىز
  • · كۈزدە ئۆپكىنى ئاسراشتىكى بەش تەدبىر
  • · قالسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر نىمە ئۈچۈن بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ؟
  • · زىققا كېسىلى ۋە ئاقسىل
  • · خورەكنى پەسەيتىشنىڭ بەش خىل ئەپچىل چارىسى
  • · يۆتەلنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە توختىتىش ئۇسۇلى
  • · قىش پەسلىدە ئۆپكە ياللۇغىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
  • · قۇرۇق يۆتەل ئۆپكىنى ئىسسىق تۇتقانلىقنىڭ ئىپادىسى
  • · ئۆپكە ياللۇغى بىلەن زۇكامنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
  • · نېمىشقا بەزى كىشىلەر تاماكا تاشلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟
  • · ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﯚﺗﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
  • · ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﭽﺎﻕ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  • · كۈزدىكى يۆتەلنى داۋالاشتا مىزاجنى توغرا ئايرىڭ
  • · ئۆپكە راكىنىڭ بىشارىتى
  • · ئاۋاز پۈتۈش
  • · نەپەس قىيىنلىشىش قانداق كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ
  • · يۇقۇملۇق زۇكام
  • · زۇكامنى ئائىلىدە داۋالاش
  • · ھورمۇن زىققا ئاغرىقلىرىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟
  • · تۈكۈرۈككە قاراپ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ
  • · سوغۇقتىن بولغان زۇكام
  • · پۇراش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكتىن دېرەك بېرىدۇ
  • · ئىسسىقتىن بولغان زۇكام
  • · كۆپ چېنىقىش ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق
  • · كۆك يۆتەل
  • · ئۆپكە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ
  • · ئۆپكە راكى
  • · قۇرۇقلۇقتىن بولغان يۆتەل
  • · بەلغىمى يۆتەل
  • · ئۆپكە ياللۇغى
  • · يۇقۇملۇق يۆتەل
  • · زىققا كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى (3)
  • · زىققا كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى (2)
  • · زىققا كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى
  • · ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى
  • · سوغۇقتىن بولغان يۆتەل
  • · زىققا كېسىلىنىڭ سەۋەبى ۋە زىيادە سېزىمچانلىق
  • · كانايچە زىققىسى
  • · سەپرادىن بولغان يۆتەل
  • · قان بۇزۇلۇش ياكى قاننىڭ غالىپلىقىدىن بولغان يۆتەل
  • · يوغان قورساق ئۆپكە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ
  • · رەئىس ئەزالارنى تازىلاش ئۇسۇلى
  • · سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
  • · ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان پايدىلىق يېمەكلىكلەر
  • · ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى (ئۆپكە جې خېر)
  • · زىققا كېسىلىنىڭ شىپاسى
  • · خەپرۈك (بەلغەم) نى تەكشۈرۈش
  • · ئۆپكە ئارتېرىيەسى تارىيىش
  • · ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
  • كۈزدە ئۆپكىنى ئاسراشتىكى بەش تەدبىر
    مەنبە: نۇر تورى تەرجىمىسى
    كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، كىشىلەر دائىم ئېغىز-بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، يۇتقۇنچاق قۇرۇپ يۆتىلىش، تېرە چىڭقىلىپ كېپەكلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى ھېس قىلىدۇ، ئەسلىدىنلا نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. جۇڭيى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، كۈز پەسلى قۇرغاق بولغاچقا ئۆپكىنى ئاسان زەخىملەندۈرىدۇ، ئۆپكە «نازۇك ئەزا» بولۇپ، سىرتقى قىسمىدىكى تېرە ۋە تۈكلەر بىلەن قوشۇلۇپ، نەپەسلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. تاشقى ئىللەت ئادەم بەدىنىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، مەيلى ئېغىز-بۇرۇن بولسۇن ياكى تېرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسۇن، ئۆپكە كېسىلى ئاسانلا قوزغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا كۈزدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قىشتىكى نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى ئازايتىشقا ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.
    يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئۆپكىنى ئاسراش 
    «قۇرغاقلىشىش» كۈز پەسلىدىكى ئاساس بولۇپ، ئۆپكىنىڭ مۇئەننەسلىكىنى ئاسان زەخىملەندۈرىدۇ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ قۇرغاقلىقنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن ئاق قېرىن قۇلاق، شېكەر قومۇشى، قارلىغاچ ئۇۋىسى، نەشپۈت، كۈنجۈت، نېلۇپەر غولى، پالەك، قارا سۆڭەكلىك توخۇ، پۇرچاق سۈتى، ئۆردەك تۇخۇمى، ھەسەل قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مەنپەئەت بېرىدۇ. پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، كۈدە، مۇچ قاتارلىق ئاچچىق يەللىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. جۇڭيى تىبابىتىدە ئۆپكە ئىسسىقى بەك ئېشىپ كەتسە جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاچچىق يېمەكلىك ئا بولۇشتىن باشقا، كۈزدە يەنە «كىسلاتانى ئاشۇرۇپ»، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆپكىنى زىيادە ئىسسىق ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چۈچۈمەل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشمۇ ئۆپكىگە پايدىلىق. مەسىلەن ئالما، ئانار، ئۈزۈم، پومېلو (柚子)، لىمون، دولانا قاتارلىقلار ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپلا قالماي يەنە جىگەرنىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. 
    ئۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھەر كۈنى 2000 مىللىلېتىر سۇ ئىچىش ئارقىلىق ئۆپكە ۋە نەپەس يولىنىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، ئۆپكىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 
    ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇش 
    ئادەتتە ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر قىسىم تەنتەربىيە تۈرلىرىنى تاللىسا بولىدۇ، مەسىلەن تەيجى گۇمپىسى، سەككىز بۆلەكلىك كىمخاب (گۇمپا تۈرى)، بەش خىل قۇش ئويۇنى (گۇمپا تۈرى)، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش قاتارلىقلار ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بەزى ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بار بىمارلىرىنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ، ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بار بىمارلارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. 
    سوغۇققا چىداش چېنىقىشى ئارقىلىق ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن دائىم سوغۇق سۇ بىلەن يۈز يۇيۇش، بۇرۇنغا سۇ ئېلىش قاتارلىقلار. تېنى ساغلام كىشىلەر سوغۇق سۇ بىلەن بەدىنىنى سۈرتسە، ھەتتا يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق چېنىقىش سوغۇق تېگىش، سوغۇق زۇكام، نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن باشقا، يەنە سوغۇققا چىداش چېنىقىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئوكسىگېنلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. تېنى ئاجىز، كېسەلچان، ياشانغانلار، بالىلار سوغۇققا چىداش چېنىقىشىنى ئىشلەشكە بولمايدۇ، بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ چېنىقىش تۈرىنى تاللاش كېرەك.
    نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىنى تازىلاش
    مۇۋاپىق نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئۆپكىنى تازىلاشقا پايدىلىق. 
    قورساقتا نەپەسلىنىش ئۇسۇلى: بىلەكنى ئىككى تەرەپكە سوزۇپ، كۆكرەكنى ئىمكانقەدەر بەكرەك كېڭەيتىش، ئاندىن قورساق قىسمى ئارقىلىق نەپەسلىنىش، بۇ خىل نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنىڭ مەقسىتى ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. 
    كالپۇكنى تارايتىپ نەپەسلىنىش ئۇسۇلى: تېز سۈرئەتتە نەپەس ئېلىش، نەپەس چىقارغاندا ئىسقىرتقانغا ئوخشاش ئاستا-ئاستا پۈۋلەپ چىقىرىش، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھاۋانى ئۆپكىدە ئۇزاق تۇرغۇزۇپ، ئۆپكىدىكى ھاۋانى تېخىمۇ تولۇق ئالماشتۇرۇشتۇر. 
    يۇقىرىقى نەپەسلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى بىر گۇرۇپپىدىن ئىشلەش، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ قېتىم سانىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش، مەشق قىلغاندا ھاۋاسى ساپ، تېمپراتۇرىسى مۇۋاپىق ھاۋا رايىنى تاللاش كېرەك. 
    يەنە سۇ ھورى بىلەن ئۆپكىنى نەملەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئىسسىق سۇنى ئىستاكانغا قۇيۇپ، بۇرۇننى ئىستاكانغا توغرىلاپ نەپەسلىنىمىز، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا سۇنى بىر قېتىم قاينىتىمىز، لېكىن بۇ مەشق نەپەس يولى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئىشلىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. 

    ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئۆپكىنى ئاسراش


    يىڭشياڭ پەللىسىنى بېسىش: ئىككى باشمالتاقنىڭ سىرتىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولغاندىن كېيىن، قاڭشىرىنى بويلاپ پەسكە يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگىچە 60 قېتىم ئۇۋۇلايمىز.


    ئاندىن بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يىڭشياڭ پەللىسىنى 20 قېتىم ئۇۋۇلايمىز، ھەر كۈنى بىردىن-ئىككى نۆۋەت ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


    ئۆپكە پەللىسىنى ئۇۋۇلاش: ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئىككى تىزنى تەبىئىي ئايرىپ، ئىككى قولنى يوتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، باشنى ئۇدۇل تۇتۇپ، كۆزنى يۇمۇۋېلىپ، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىمىز ۋە ئائىلىدىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرىمىز. ئىككى مۇشتنى بوش تۈگۈپ (كاۋاكچە قالدۇرۇپ)، ئۆپكىنىڭ پەللىسىنى يېنىك چېكىپ، نەچچە ئون قېتىم ئۇۋۇلاپ، ئاندىن ئالقىنى بىلەن ئىككى تەرەپ تۆۋەندىن ئۈستىگە يېنىك ئۇرۇپ، تەخمىنەن 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل كۆكرەكتىكى ھاۋانى بوشىتىپ، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، بەلغەمنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئومۇرتقا-دۈمبە تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 
    دائىم كۈلۈش ئارقىلىق ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇش
    كۈز پەسلىدە ھەممە مەۋجۇداتلار خازان بولۇپ، ئادەمدە دائىم «قايغۇلۇق كۈز» ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ، ئۆپكىنى غەم بېسىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، جۇڭيى تىبابىتىدە «دائىم كۈلۈش ئارقىلىق ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇش» دېگەن سۆز بار. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۈلكە ئورگانىزم ئۈچۈن بىر خىل ئەڭ ياخشى «ھەرىكەت» بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كۈلكىنىڭ نەپەسلىنىش ئەزالىرى، كۆكرەك بوشلۇقى، قورساق قىسمى، ئىچكى ئەزالار، مۇسكۇل قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش رولى بار. بولۇپمۇ نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاقاقلاپ كۈلۈش ئۆپكىنى كېڭەيتىدۇ، ئادەم كۈلكە ئىچىدە يەنە ئىختىيارسىز چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، نەپەس يولىنى تازىلاپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم قاتتىق كۈلگەندە، تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن بەدەنگە كىرىپ، راۋان قان بىلەن پۈتۈن بەدەنگە تاراپ، بەدەندىكى ھەربىر ھۈجەيرىنى يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشتۈرىدۇ. 
    كۈلكە گەرچە كېسەللىكنى تۈگىتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، بولمىسا خۇشاللىقتىن ئازاب كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم ۋە قان تومۇر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىمارلار، ھامىلىدار ئايال قاتارلىقلار ئاۋاز چىقىرىپ كۈلمەسلىكى ياكى قاتتىق كۈلمەسلىكى، خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 
    تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!
    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئەرلەر قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • ماكا ئاقسىل تالقىنى
    ماكا ئاقسىل تالقىنى
  • ھەبىبى مۇمسىك
    ھەبىبى مۇمسىك
  • ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
    ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى
  • مەزى بېزى كاپسۇلى
    مەزى بېزى كاپسۇلى
  • گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
    گۈلخانىش ئالاھىدە تارايتىش گۆھىرى
  • خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
    خانىم-قىزلار قان قۇۋۋەت جەۋھىرى
  • خانىم-قىزلار يۇيۇش سۇيۇقلىقى
    خانىم-قىزلار يۇيۇش سۇيۇقلىقى
  • ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
    ئاياللار ياللۇغ قايتۇرۇش مەلھىمى
  • ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
    ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار قۇۋۋەت ئاقسىلى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
    بېلىق مېيى-قان تازىلايدۇ
  • دانخورەك يوقىتىش مېيى
    دانخورەك يوقىتىش مېيى
  • تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
    تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان تىزلىق
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
    پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • يازمىغا باھا بىرىش

    تەخەللۇس: (چوقۇم تولدۇرسىز)

    تەستىق كودى:

    تىبابەت تورى

    مەسلىھەت سورىماقچى ياكى مەھسۇلات سېتېۋالماقچى بولسىڭىز تېلفون قىلىڭ: 13109917493(ئۈرۈمچى)

    تور بىكەتنى ئەنگە ئالدۇرغان \ ئىجازەت نومۇرى: 新ICP备16000802号